پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خۇشخەۋەر
پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستكە مىخلانغان ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. كېلىڭلار، ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار. (مەتتا بايان خۇش خەۋەر 28-باب 5-6)
ھەزرىتى ئەيسا مەسىھ – خۇدانىڭ ھايات كالامى
بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. (يۇھاننا بايان خۇش خەۋەر 5-باب 24)
ئېتىقاد يولىدا ئىلگىرىلەش MP3
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇڭ
ئۈممەت دۇنياسىنىڭ يىراق چېتىدە ياشىغان تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىرلەر بويى مۇقەددەس كىتابنىڭ سۈرىيەچە، سوغدىچە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىدىن پايدىلانغان. زامانىۋى ئۇيغۇر تىلىغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى 20-ئەسىرگە كەلگەندىلا تەرجىمە قىلىنغان. مۇقەددەس كىتابلار بۇ يەردە تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نۇردۇر.

بۇ بېشارەت مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى سەككىزىنچى ئەسىردە ياشىغان يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان:
بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشىنىدۇ؟
پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى خۇددى يېڭى ئۈنۈپ چىققان ئاجىز مايسىدەك،
خۇددى قۇرغاق تۇپراقتا يېتىلگەن يىلتىزدەك،
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلدى.
ئۇنىڭ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك سالاپەتلىك تۇرقى،
بىز ھەۋەس قىلغۇدەك گۈزەل سىياقىمۇ يوق.
ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى،
ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى.
كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى،
ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.
ھالبۇكى، ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك جەبىر-جاپالارنى،
بىزنىڭ قايغۇلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
لېكىن بىز بولساق «ئۇنى خۇدا جازالىدى، ئۇنى خۇدا ئۇردى،
خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق جەبىرلەرنى سالدى» دەپ ئويلىدۇق.
لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى،
بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى.
ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق،
ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق.
ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش،
ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق.
لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.
ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى،
لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.
ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك،
خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك،
ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.
ئۇ ناھەق تۇتۇپ كېتىلىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى،
ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.
ئۇ خەلقىمىزنىڭ قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يوقىتىلدى.
گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولسىمۇ،
ھېچقاچان ھىيلە-مىكىرلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ،
ئۇنىڭغا جىنايەتچىلەر قاتارىدىن قەبرە بېرىلگەنىدى،
لېكىن ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى.
ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى
پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى،
ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن،
ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن،
ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ،
چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ،
گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى.
ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،
ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
يەشايا 53
بۇ بېشارەت ئېيتىلىپ يەتتە يۈز يىلدىن كېيىن، ئۇنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشۇرغان بىردىنبىر زات — خۇدانىڭ ئازاب چەككۈچى خىزمەتكارى ئەيسا مەسىھ بولدى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ئىنجىلدا خاتىرىلەنگەندۇر.
بۇ بېشارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قوليازما ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغاقلىرىغا يېقىن قۇمراندا تېپىلغان.
بۇ قوليازما تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 125-يىلى يېزىلغان بولۇپ، بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن يۈز يىل ئالدىن يېزىلغان قوليازمىدۇر. بۇ بولسا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان دىنسىز دۇنيا قاراشقا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر زەربىدۇر.

ھەزرىتى ئەيسا مەسىھ بۇ بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسىدۇر. ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمدا كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۈچىنچى كۈنى خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى.
ھەزرىتى ئەيساغا ئىمان ئېتىقادلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ:
«ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»

يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتى ھەزرىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرلۇپ ئالتە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قۇرئاننى قوبۇل قىلدى. قۇرئان تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى خۇدا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب دەپ تەستىقلايدۇ:
بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!)
مائىدە سۈرىسى 44-ئايەت
ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر.
مائىدە سۈرىسى 46-ئايەت
قۇرئان ئەھلى كىتابنى تەۋرات ۋە ئىنجىل بويىچە ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ:
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر).
مائىدە سۈرىسى 68-ئايەت
مۆمىنلەردىن، يەھۇدىيلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم- ئەندىشە قىلمايدۇ .
مائىدە سۈرىسى 69-ئايەت

قۇرئان تەۋرات بىلەن ئىنجىلنىڭ خۇدا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھلى كىتابنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ:
كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل ـ مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر.
مائىدە سۈرىسى 44-ئايەت
مۇھەممەد پەيغەمبەر مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى پاش قىلىپ، تەۋراتنىڭ ھۆكمى بويىچە چالما-كەسەك جازاسى چىقارغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا زىنا قىلغان يەھۇدىي ئەر – ئايالنى ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كىتابىڭلاردا قانداق ھۆكۈم بار؟» دېدى. ئۇلار: «ئالىملىرىمىز يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ ئۇلاغقا تەتۇر مىندۈرۈشنى پەيدا قىلدى» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (مۇسۇلمان بولغان بىر يەھۇدىي ئالىم) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇلاردىن تەۋراتنى تەلەپ قىلسىلا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەۋرات كەلتۈرۈلدى.
ئۇلارنىڭ بىرى تەۋراتنى ئېچىپ، رەجم ئايىتىنىڭ ئۈستىدە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۈستىنى ۋە ئاستىنى ئوقۇغىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى كۆتۈر!» دېدى. ئۇ كىشى قولىنى كۆتۈرگەن ئىدى، رەجم ئايىتى ئۇنىڭ قولى قويۇلغان يەردە كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىنا قىلغان ئۇ ئەر- ئايال توغرۇلۇق ئەمر قىلدى، ئىككىسى رەجم قىلىندى.
سەھىھ ئەل-بۇخارى، 6819-ھەدىس
بىراق، تەۋرات بېشارەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەزرىتى ئەيسا مەسىھ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئورنىغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ, ھاياتلىق ئاتا قىلغان:
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:
ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ – دەپ سوراشتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا:
ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! – دېدى.
ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا:
خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ – دەپ سورىدى.
چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، – دېدى ئايال.
ھەزرىتى ئەيسا:
مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! – دېدى.
يۇھاننا بايان خۇش خەۋەر 8-باب 1-11
دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.
يۇھاننا بايان خۇش خەۋەر 8-باب 12

مۇقەددەس كىتابنى چۈشۈرۈش
كونا ئەھدە (تەۋراتتىن تاللانمىلار، زەبۇر، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن تاللانمىلار) ۋە يېڭى ئەھدە (ئىنجىل). ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتاب جەمئىيىتى نەشر قىلغان

مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش
مۇقەددەس كىتابنى قانداق ئوقۇش، ئۇنىڭ تەلىملىرىگە قانداق ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى باشقىلار بىلەن قانداق ئورتاقلىشىشنى ئۆگىنىڭ







